Jump to content

لەھىستان

ئورنى Wikipedia
لەھىستان
دۆلەت بايرىقى

لەھىستان ياكى پولشا بولسا ياۋروپاغا جايلاشقان بىر دۆلەت، پايتەختى ۋارشاۋا، ئەڭ چوڭ شەھىرى ۋارشاۋا. دۆلەت تىلى پولەك تىلى. ھازىرقى زۇڭتۇڭى لەچ كاقزينسكى. ھازىرقى زۇڭلى دونالد تۇسك. بۇ دۆلەت 1918 يىلى 11 ئاينىڭ 11 كۈنى مۇستەققىل بولغان، يەر مەيدانى 312 مىڭ 679 كۇۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 38 مىللىيون 116 مىڭ، بۇلارنىڭ ئاساسلىق دىنى كاتولىك دىنى.

مەمۇرىي بۆلۈملەر

[تەھرىرلەش]

لەھىستاننىڭ مەمۇرىي تارماقلىرى 16 ۋىلايەتتىن تەركىب تاپقان.

پولەك تىلىدا ، ۋىلايەتلەر «województwo» دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇ ئۇيغۇر تىلىغا ۋويۋودالىق دەپ تەرجىمە قىلىنغان.

  1. تۆۋەنكى سىلېسىيە ۋويۋودالىغى (Województwo dolnośląskie)؛
  2. كۇياۋىيە-پومېرانىيە ۋويۋودالىغى (Województwo kujawsko-pomorskie)؛
  3. ۋۇچ ۋويۋودالىغى (Województwo łódzkie)؛
  4. لۇبۇش ۋويۋودالىغى (Województwo lubuskie)؛
  5. لۇبلىن ۋويۋودالىغى (Województwo lubelskie)؛
  6. كىچىك لەھىستان ۋويۋودالىغى (Województwo małopolskie)؛
  7. مازوۋىيە ۋويۋودالىغى (Województwo mazowieckie)؛
  8. ئوپولې ۋويۋودالىغى (Województwo opolskie)؛
  9. ئاستى كارپاتىيە ۋويۋودالىغى (Województwo podkarpackie)؛
  10. پودلاسىيە ۋويۋودالىغى (Województwo podlaskie)؛
  11. پومېرانىيە ۋويۋودالىغى (Województwo Pomorskie)؛
  12. سىلېسىيە ۋويۋودالىغى (Województwo śląskie)؛
  13. شۋىنتو-كژىژ ۋويۋودالىغى (Województwo świętokrzyskie)؛
  14. ۋارمىيە-ماسۇرىيە ۋويۋودالىغى (Województwo warmińsko-mazurskie)؛
  15. بۈيۈك لەھىستان ۋويۋودالىغى (Województwo wielkopolskie)؛
  16. غەربىي پومېرانىيە ۋويۋودالىغى (Województwo zachodniopomorskie).