ﺳﯩﺮﯨﻤﺘﯩﺮﺍﻻ

بۇددزم دەۋرىدىكى ﺋﺎﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ-----ﺳﯩﺮﯨﻤﺘﯩﺮﺍﻻ

ﺳﯩﺮﯨﻤﺘﯩﺮﺍﻻ(sirimitrfla) ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺳﻪﻥ(ﻛﯘﭼﺎ) ﺩﯨﻦ ﻳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﯩﺘﯜﻙ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﯨﻢ ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﻪﺕ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ، ﺑﯘﺩﺩﺍ ﭼﯩﯖﺎﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺷﯚﮬﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻱ ﻛﻪﻟﺪﻯ.

ﺳﯩﺮﯨﻤﺘﯩﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻡ-ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩﺳﯩﻘﯩﻠﻪﺭﺩﻩ <<ﺷﻰ ﻟﯩﻤﯩﺪﻭﻟﻮ>> (尸黎密多罗) ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﺴﯩﻜﯩﺮﯨﺘﭽﻪ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ<<ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﺳﯩﺖ>>ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ (1).

ﺳﯩﺮﯨﻤﯩﺘﺮﺍﻻﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ <<ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻏﯩﻠﯩﻖ ﻧﻮﻣﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ>>ﻧﯩﯔ11-ﺟﯩﻠﯩﺪﻯ، <<ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﺭﺍﮬﯩﺒﻼﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ>>ﻧﯩﯔ 1-ﺟﯩﻠﯩﺪﻯ ﯞﻩ <<ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﺭﺍﮬﯩﺒﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ>> ﻟﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ.

ﺋﻪﺷﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﭽﻪ ﺳﯩﺮﯨﻤﯩﺘﺮﺍﻻ ﻛﯜﺳﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ. ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﭽﻪ، ﺋﯘ ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﯩﺖ ﯞﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﻧﯚﯞﯨﺘﻰ ﺋﯜﺯﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﺎﺟﯘ-ﺗﻪﺧﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯜﺗﯜﻧﯜﭖ ﺑﯩﺮﯨﭗ ، ﺭﺍﮬﯩﺐ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻜﻪﻥ .

ﺳﯩﺮﯨﻤﯩﺘﺮﺍﻻ ﻏﻪﺭﯨﺒﻰ ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻳﯘﯕﺠﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﺘﯘﺭﻟﯩﺮﻯ (307-312)ﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﭼﺎﯕﺠﯩﻴﺎﯓ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﺷﻪﺭﯨﻘﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻴﻪﻧﻜﺎﯓ (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ)ﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺟﯩﻴﻪﻧﭽﯘ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ .

ﺳﯩﺮﯨﻤﯩﺘﺮﺍﻻ ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﻗﺎﺑﯩﻠﻴﯩﺘﻰ ، ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯩﺪﺍﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯓ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ، ﺷﻪﺭﯨﻘﻰ ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﯞﺍﯓ ﺩﺍﯞ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﮔﯧﯔ ﻟﯩﻴﺎﯓ ، ﺟﯘﻛﻪﻱ، ﺷﻴﯥ ﻛﯜﻥ ، ﺧﯜﻩﻥ ﻳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺗﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﻳﯘﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯞﻩﺯﯨﺮ-ﯞﯗﺯﺭﺍﻻﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﯨﻢ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﺪﺍﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﻟﭙﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻘﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ .

ﺟﯘﻛﯜﻱ ﺩﯨﯟﺍﻥ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﻩ ﺳﯩﺮﯨﻤﯩﺘﺮﺍﻻﻧﯩﯔ ﺩﯗﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ <<ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺋﯩﺴﺘﯩﺪﺍﺕ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﯩﻠﻪﺭ ﻗﯩﻠﭽﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ>> (2) ﺩﻩﭖ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ.

ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﺳﯧﮭﺮﯨﮕﻪﺭﻟﯩﻚ (ﺋﻪﭘﺴﯘﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ)ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﯩﺮﯨﻤﯩﺘﺮﺍﻻ ﺷﻪﺧﺴﻪﻥ ﺋﯜﺯﻯ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، <<ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺳﯘﻣﺮﯗﻍ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﻗﻪﺳﯩﺪﯨﺴﻰ>>ﻧﯩﯔ 1- ﺟﯩﻠﯩﺪﯨﻨﻰ ،<<ﺳﯘﻣﺮﯗﻍ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ>>ﻧﯩﯔ 1-ﺟﯩﻠﯩﺪﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﻼﺳﯩﻚ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻧﻮﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺋﻪﭘﺴﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺷﻪﺧﯩﺲ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺳﯩﺮﯨﻤﯩﺘﺮﺍﻻ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻧﻮﻡ __<<ﺋﻪﺑﺸﯧﻜﻪ ﻧﻮﻣﻰ>> ﻧﯩﯔ 12ﺟﯩﻠﯩﺪﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺩﯗﻧﺨﯘﺍﯓ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ (3). ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺷﺎﮔﯩﺮﯨﺘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﺎﮔﯩﺮﯨﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻰ ﻟﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻥ .

ﺳﯩﺮﯨﻤﯩﺘﺮﺍﻻ ﺷﻪﺭﯨﻘﻰ ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻴﻪﻧﻜﺎﯓ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ 80ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ <<ﻣﯘﻧﺘﻪﺧﯩﺖ ﮬﻪﺯﺭﻩﺕ>> (ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺧﯩﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﮬﻪﺯﺭﻩﺕ ) ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﯘ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻣﯘﻧﺘﻪﺧﯩﺖ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺩﯗﺋﺎ ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ.

ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﺑﻮﺯﻗﯩﺮ،بۇددزم دەۋرىدىكى ﺋﺎﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ-----ﺳﯩﺮﯨﻤﺘﯩﺮﺍﻻ

ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺕ: (1)،(3) <<ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﯘﻟﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ>>، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ،1995-ﻳﯩﻠﻰ8-ﺋﺎﻱ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ، 318-ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﻟﺴﯘﻥ. (2) <<ﻏﻪﺭﯨﺒﻰ ﻳﯘﺭﯨﺖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ>>، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﻮﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ،1997-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻱ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ، 71-ﺑﻪﺕ.

ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ: <<ﺋﺎﻗﺴﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ>>ﻧﯩﯔ 2006-ﻳﯩﻠﻰ12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ1-ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻰ، 4-ﺑﻪﺕ