نورۇز مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، تەنھەرىكەت بايرىمى، ئەدەبىيات – سەنئەت بايرىمى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بايرىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەڭ قەدىمىي ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دۇنيادا مىلاد، قۇربان ھېيت، چاغان قاتارىدا سانىلىدىغان تۆت چوڭ بايرامنىڭ بىرىدۇر.
نورۇز بايرىمىنىڭ ئىران ۋە تۇران دىيارلىرىدا يېڭى يىل بايرىمى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا 2600 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ھازىر 400 مىليوندىن ئاشىدۇ. نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە شەكىللەنگەن نورۇز مەدەنىيىتى ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ كەلمەكتە.
نورۇز يېڭى يىل بايرىمىدۇر. ئەجدادلىرىمىز نورۇزنى قۇتلۇق كۈن دەپ بىلىپ، زور تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن. نورۇزنىڭ كىرىش ۋاقتى شەمسىيە كالېندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرگەن كۈنگە، مىلادى كالېندارى بويىچە 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، يەنى، كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن كۈنگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ئەجدادلىرىمىز بۇ كۈننى يىل بېشى قىلىپ تاللاپ، ئۇنىڭغا نورۇز (يېڭى كۈن، يىل يېڭىلانغان كۈن)، دەپ ئات قويغان.
|